باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جى جېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولدى

2018.10.09 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جى جېڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى. يۇقىرىقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جى جېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 30- سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش جى جېڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان.

  يولداش جى جېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  جى جېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ رۇگاۋدىن. 1987- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1984- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، نىڭشيا يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، دېھقانچىلىق ئىلىمى باكلاۋۇرى.

  1980- يىلىدىن 8- ئايدىن 1984- يىلى 7- ئايغىچە، نىڭشيا يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1984- يىلى 7- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجۇڭ شەھىرى پەن- تېخنىكا كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1987- يىلى 7- ئايدىن 1993- يىلى 4- ئايغىچە، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجۇڭ شەھىرى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1993 - يىلى 4- ئايدىن 1996- يىلى 5- ئايغىچە، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجۇڭ شەھىرى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  1996- يىلى 5- ئايدىن 1997- يىلى 2- ئايغىچە، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجۇڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى، شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  1997- يىلى 2- ئايدىن 1997- يىلى 4- ئايغىچە، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجوڭ شەھىرى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1997- يىلى 4- ئايدىن 1998- يىلى 9- ئايغىچە، ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋۇجوڭ شەھىرى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  1998 - يىلى 9- ئايدىن 1999- يىلى 1- ئايغىچە، ۋۇجۇڭ شەھىرى لىتۇڭ رايونلۇق پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  1999- يىلى 1- ئايدىن 2001- يىلى 11- ئايغىچە، ۋۇجۇڭ شەھىرى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

  2001- يىلى 11- ئايدىن 2004- يىلى 2- ئايغىچە، لىڭۋۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2004 - يىلى 2- ئايدىن 2004- يىلى 11- ئايغىچە، يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لىڭۋۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2004 - يىلى 11- ئايدىن 2005- يىلى 12- ئايغىچە، يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان؛

  2005- يىلى 12- ئايدىن 2007- يىلى 2- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛

  2007- يىلى 2- ئايدىن 2007- يىلى 8- ئايغىچە، جۇڭۋېي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2007 - يىلى 8- ئايدىن 2007- يىلى 10- ئايغىچە، جۇڭۋېي شەھەرلىك پارتكوم مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2007- يىلى 10- ئايدىن 2008- يىلى 1- ئايغىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2008- يىلى 1- ئايدىن 2013- يىلى 1- ئايغىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2010- يىلى 3- ئايدىن 2010- يىلى 7- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2013- يىلى 1- ئايدىن 2015- يىلى 6- ئايغىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان؛

  2015- يىلى 6- ئايدىن 2017- يىلى 6- ئايغىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇيۈەن شەھىرى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2017- يىلى 6- ئايدىن 2018- يىلى 9- ئايغىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان؛

  2018 - يىلى 9- ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدە ئىشلىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر