سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تارتىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە تەرەپ 9-ئۆكتەبىر، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى ئاختۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەلىكىدىكى مۇخبىر جامەل كاشۇجنىڭ «يوقاپ كەتكەنلىك» ئىشىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى داۋاملىق يامانلىشىپ، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە زىددىيەتنى، شۇنىڭدەك رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تالىشىش ئۈچۈن پەيدا بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى