باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياپونىيە كارخانىچىلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2018.10.11 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10- چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياپونىيە كارخانىچىلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل دەل جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچەيتىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئائىت تۆت سىياسىي ھۆججەتتىكى پىرىنسىپقا داۋاملىق رىئايە قىلىشىنى، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتەك روھ بىلەن بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ مېڭىشى ۋە ماڭغانسېرى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى پەقەت ئىككى دۆلەتكىلا پايدىلىق بولۇپ قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. شۇڭا بىز يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشىنى قارشى ئالىمىز، ھەم شۇ ئارقىلىق، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشلىرىنى، ھەمدە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەم شۇنداقلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىشنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر