باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سەنيۈننىڭ پار ئېلىش دېلوسىغا 1- سوتتا سوت ئېچىلدى

2018.10.12 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، جېڭجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سەنيۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. جېڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىگەن: 1993- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈن ج ك پ گۈيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى ياكى مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بانكىغا پاي قوشۇش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارنى ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن، بىۋاسىتە ھالدا ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق، قانۇنسىز ھالدا يۇقىرىقى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ بەرگەن مال-مۈلۈكلىرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ مال-مۈلۈكلەرنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، جەمئىي 66 مىليون 850 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. شۇڭا، ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، ھەمدە جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلارنى دەلىللىدى. سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرلىرىنى تولۇق بايان قىلدى، ۋاڭ سەنيۈنمۇ سوتتا ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى، ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلدى.

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما قاتارلىق 70 دىن كۆپرەك كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  ئەڭ ئاخىردا سوت مەزكۇر سوتنى توختىتىپ تۇرۇشنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم چىقىرىشنى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر