خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 11- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى راسۇلزودانىڭ تەكلىپىگە بىنائەت، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، دۈشەنبە خەلقئارا ئايرودرومغا يېتىپ باردى. زۇڭلى لى كېچياڭ ئۇ جايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشىنىڭ 17- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە تاجىكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار ھەمراھلارمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا بىرگە يېتىپ باردى.
تاجىكىستاننىڭ زۇڭلىسى راسۇلزودا باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن شۇ يەردىكى ياشلار ئايرۇپىلان يان شوتىسى يېنىدا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، لى كېچياڭ بىلەن چېڭ خۇڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۆ بىنمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
كېيىن، تاجىكىستان تەرەپ ئايرودۇرۇمدا لى كېچياڭ ۋە خانىمىنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى كېچياڭ راسۇلردانىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرى شامالدا لەپىلدىشىپ تۇراتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى