باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىراقنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى بەرھەم سالىھقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.10.10 15:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئۆكتەبىر بەرھەم سالىھنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى داۋاملاشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. شۇنىڭغا تىلەكداشمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىز ئاستىدا، ئىراقنىڭ سىياسىي يارىشىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ قايتا قۇرۇلۇش مۇساپىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلىتىڭلاردا ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە داۋاملىق تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگۈسى. مەن جۇڭگو-ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىللە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراق ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر