باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى

2018.10.11 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئۆكتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلىغان، كەسپىي ئاساسىي پۇختا، ئوقۇتۇشتا دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەشكە ماھىر ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىشچان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ھۆججەت چىقىرىپ، قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويغان.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ پىلان ئىلگىرى يولغا قويۇلغان «قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ كۈچەيتمە نۇسخىسى بولۇپ، بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆزگىچە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى ۋە پېداگوگىكا كەسپىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى مائارىپىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، دەرس سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى كۆرۈنەرلىك يېڭىلاپ، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى مەركەز قىلغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش يېڭى ھالىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ماسلاشما ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش سۈپىتى مەدەنىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. 2035-يىلىغىچە، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مىليونلىغان تايانچ ئوقۇتقۇچى، نەچچە يۈز مىڭ قالتىس ئوقۇتقۇچى، نەچچە ئون مىڭ مائارىپچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر