باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ ئۇدا 14 يىل ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

2018.10.10 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارچە خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك» دېگەن ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى ئۇدا 14 يىل ئۆسۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 925 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى قاپلىغان، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغانلار سانى ئاللىقاچان 1 مىليارد 350 مىليوندىن ئېشىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، فوندىنىڭ جۇغلانما قالدۇقى 7 تىرىليون 730 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، چىقىم ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، تۈزۈم سىستېمىسى جەھەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى كارخانا كاپالىتىدىن ئىجتىمائىي كاپالەتكە، كارخانا يالغۇز مەسئۇل بولۇشتىن دۆلەت، ئورۇن ۋە شەخس مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشقا، شەھەر-بازارلاردىن يېزىلارغا، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىگە بولغان زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇستەقىل قىلغاندىن سىرت، مەبلەغ مەنبەسى كۆپ مەنبەلىك بولغان، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى قېلىپلاشقان، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئىجتىمائىيلاشقان» ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر