10- ئاينىڭ 9- كۈنى، گۇاڭشىنىڭ چىڭجوۋ شەھىرىدىكى نىشىڭ ساپال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر نىشىڭ ساپال مەھسۇلاتلىرىنى ياسىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشىدىكى چىنجوۋنىڭ نىشىڭ ساپال بۇيۇملىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ داڭلىق ساپالنىڭ بىرى، شۇڭا، چىنجوۋدا نىشىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى پىشۇرۇش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر نەچچە ئەۋلاد ساپال ئۇستىلىرىنىڭ بۇ خىل ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىشى ئاستىدا، نىشىڭ ساپالچىلىقى مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە كەڭ ئەۋج ئالدى. نۆۋەتتە، چىنجوۋ شەھىرىدە نىشىڭ ساپال بۇيۇملىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 10 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نىشىڭ ساپال بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى 1000 دىن ئاشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى