خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جاكارتا خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى 8- چېسلا چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېس ئۆلكىسىدە 9- ئاينىڭ 28- كۈنى يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى 1948 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا زامىن بولدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، لېكىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى بەلگىلەيدىكەن.
ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 13گىچە، ئاپەتتە يەنە 835 ئادەممۇ يوقاپ كەتكەن، 10 مىڭ 700 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 2549 ئادەمنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۇندىن باشقا، جەمئىي 65 مىڭ 700 يۈرۈش ئۆي ۋە 2736 مەكتەپ زىيانغا ئۇچرىغان، 74 مىڭ 400 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ئوتتۇرا سۇلاۋېس ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ھىندونېزىيە سىياسىي، قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جابال شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى دېدى: ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلانماقتا. ھازىر ئاپەت رايونىنىڭ %90ىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىنىشى نورماللاشتى، دۆلەت ئېلېكتىر شىركىتى ئېلېكتىر تورىنى جىددىي رېمونت قىلىپ تېرمىنالغا يەتكۈزۈمەكتە. ئاپەت رايونىدىكى خەۋەرلىشىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى