باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن 7 مىليارد 114 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى

2018.10.10 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە 4 مىليارد 535 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى چۈشۈردى. بۇنىڭغا يەنە 2017- يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن 2 مىليارد 565 مىليون يۈەن ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چۈشۈرگەن 14 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2018- يىلى سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە جەمئىي 7 مىليارد 114 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇ مەبلەغلەر ئاساسلىقى كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ياردەم مەبلىغىنى تەقسىم قىلىشتا، ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسى مۇھىم ئامىل قىلىنىدىغان بولۇپ، باھالاش نەتىجىسى ئالدىدا بولغان ئۆلكىلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇكاپاتلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر