باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاش-قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش لازىم، دېدى

2018.10.11 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 10- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاش- قۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم؛ سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈر يولىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى؛ ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ئاجىز، تەبئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش − «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەمدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا بولغان زور سىناق بولۇپ، بۇنى چوقۇم ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر