10- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئامېرىكا نىيۇيوركتىكى مانخاتتان بەشىنچى يولىدا، كىشىلەر كولۇمبۇ كۈنى نامايىشىغا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، نىيۇيورك شەھىرىدە كولۇمبۇ كۈنى نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىتالىيەلىك دېڭىزچى كىرىستوفېر كولۇمبۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ بارغانلىقى خاتىرىلەندى. كولۇمبۇ كۈنى نامايىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ چوڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى