بۇ 8ـ ئۆكتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا سۈرەتكە تارتىلغان «2018- يىللىق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەتكە ئومۇمىي نەزەر».
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بىيۇروسى 8- چېسلا ئېلان قىلغان «2018- يىللىق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەتكە ئومۇمىي نەزەر» دوكلاتىدا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىش، شۇنداقلا، يەر شارىنى قوغداشتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، دېيىلدى. دوكلاتتا يەنە، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بەلكىم ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئېففېكتىنى پەسەيتىشكە بولۇش مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى