باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.10.09 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8- ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكى، ھەمدە كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەكلىكى قاتارلىقلار كۆرسىتىلدى.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بولسا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمدە خەلقئارادا ئومۇملاشقان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، مالنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشتا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %15لىك نىسبەتنى ۋە قىسمەن %13لىك نىسبەتنى %16كە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەسلىدىكى %9لىك نىسبەتنى %10كە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنى يەنە تېخى %13كىچە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەسلىدىكى %5لىك نىسبەتنى %6كە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنى يەنە تېخى %10كىچە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمما، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر بولغان مەھسۇلاتلار، ھەمدە بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشتەك ۋەزىپىگە دۇچ كېلىدىغان دېگەندەك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتى ئۆزگەرتىلمەيدۇ. باج تۈزۈمى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، باج قايتۇرۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى 7 دەرىجىدىن 5 دەرىجىگىچە ئازايتىلىدۇ. يىغىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنۇلارنى بېكىتتى: باج قايتۇرۇش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىناۋەت باھالاش دەرىجىسى يۇقىرى ۋە باج تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياخشى بولغان ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، باج قايتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، قەغەزسىز باج قايتۇرۇش مەلۇماتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، باج قايتۇرۇشنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ تالوننى ۋاقتىدا توپلاپ باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياردەم قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق خەزىنىگە قايتۇرۇشنى پۈتۈن توردا ۋە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرى چوڭ- كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن باجنى قايتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ئىلھام بېرىش كېرەك. ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە باج قايتۇرۇشنى بېجىرىشنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقتى ھازىرقى 13 خىزمەت كۈنىدىن 10 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر