10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، 2018-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋىليام نوردخاۋس (سولدا) بىلەن پائۇل رومېرنىڭ سۈرىتى ئېكراندا كۆرسىتىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8-ئۆكتەبىر: ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋىليام نوردخاۋس ۋە پائۇل رومېرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىگە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 2018-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۇلارغا بېرىلگەنلىكى جاكارلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى