سۈرەتتە: شەھەر ئاھالىلىرى خېنەن جېڭجۇدىكى جېڭجۇ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار كۆرگەزمە مەركىزىدە مال سېتىۋالماقتا (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەندە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېڭىلاشقا قارىتا، ئىسلاھاتنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. «ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، كۈچنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى چـوڭقۇرلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش لازىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا: توختاپ قېلىشقا ۋە چېكىنىشكە يول يوق، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ ھالقىلىق چارە، شۇنداقلا مۇقەررەر يول، دەپ تەكىتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى