باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزى يىلتىز ۋە روھ (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز •100 شەھەر، 100 ناھىيە، 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.10.10 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى قىزىپ كەتتى. «تەيدا» ئاۋىئاماتكا ئاساسىي تېما باغچىسى، «خەيچاڭ» قۇتۇپ دېڭىز-ئوكيان دۇنياسى، «جۇڭشىن» تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھىرى، «ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانا» بىنخەي كۇتۇپخانىسى ھەر جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئاۋات، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئەقلىي يېڭى شەھەرنى كۆرسەتتى.

  بوخەي دېڭىزى بويىغا جايلاشقان بۇ يەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر رىۋايىتىگە شاھىت بولدى: 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ كۆپ قىسمى شور قاقاسلىق ئىدى؛ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر «بىر ئاپپارات(چاقىرغۇ ئاپپارات)»، «بىر قاچا چۆپ(تەييار چۆپ)» بىلەن داڭ چىقاردى؛ 10 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىققا تايىنىپ باشلامچى بولدى؛ بەش يىل ئىلگىرى، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون، جابدۇق ياسىمىچىلىقى توپلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىيولوگىيەلىك داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قەد كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، يېشىللىققا پۈركەنگەن زامانىۋى يېڭى شەھەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە يول ئالدى.

  1986-يىلى 8-ئايدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ بۇ يەرگە «تەرەققىيات رايونى زور ئۈمىدكە تولغان» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. 2013-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىنخەي يېڭى رايونى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش»قا ئىلھاملاندۇردى.

  بىنخەي ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ __ دېدى تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى يې دىشېڭ ھاياجانلىق بىلەن.

  ئېچىش، ئېچىۋېتىش قان تومۇر ۋە گېنغا ئايلاندى

  بىنخەي يېڭى رايونى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش دەل بىنخەي يېڭى رايونىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى.

  1984-يىلى، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بارلىققا كەلدى. يې دىشېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باشقا نەرسىلىرى بولمىسىمۇ زاۋۇت بىناسىغۇ باردۇ دەپ ئويلىغانىدىم، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن شور قاقاسلىقنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ تۇرۇپ قالدىم.

  1986-يىلى 8-ئايدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ قۇرۇلغىلى ئىككى يىل بولمىغان تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ پورت بىلەن شەھەر رايونى ئارىسىدا شۇنچە كۆپ يېرىڭلار باركەن، بۇ ناھايىتى زور ئەۋزەللىك، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچۈڭلار زور. دادىللىق بىلەن تېز تەرەققىي قىلساڭلار بولىدۇ.

  دادىللىق بىلەن تېز تەرەققىي قىلىش ــ شور قاقاسلىقتا قەيسەرلىك بىلەن يېتىلىۋاتقان تەرەققىيات رايونىدا يارقىن «بىنخەي سۈرئىتى» ياراتتى. كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يەرگە تيەنجىن شەھىرى بويىچە تۇنجى پىروگرامما كونترولىنى ساقلاش كوممۇتاتورى ئورنىتىلدى، يې دىشېڭ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ئۆيگە تېلېفون ئورنىتىش ئۈچۈن ئۈچ ئاي ساقلايتتۇق، بىز كارخانىلارغا ئۈچ كۈندە تېلېفون ئورنىتىپ بولۇشنى، ئارتۇق پۇلنى تەرەققىيات رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق.

  ئۇنىڭدىن باشقا تەرەققىيات ئىدىيەسىدىمۇ تېز يۈكسىلىش بولدى. «مۇلازىمەتمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»، «كارخانىلار ئاۋۋال پۇل تېپىش، ھۆكۈمەت كېيىن تېپىش»، «مەبلەغ سالغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارغا پايدا يەتكۈزۈش»... شور قاقاسلىقتا مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات روھى، ئېچىۋېتىش كەڭ قورساقلىقى، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بوخەي دېڭىزى بويىدىكى بۇ ئېچىش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان يېڭى زېمىننىڭ قان تومۇرى ۋە گېنىغا ئايلاندى. 2006-يىلى، تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلۈپ، شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن كېيىنكى ئىككىنچى دۆلەت ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات سىناق رايونىغا ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر