10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتوموبىللار جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك ئەگمە ئىشىكىدىن ئۆتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان، مالدىۋې پايتەختى مالې ۋە ئايروپورت ئارىلىنى ئۇلايدىغان جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلانغىنىغا ھازىر بىر ئايدىن ئارتۇق بولدى. مۇخبىر يېقىندا مالدىۋېغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، كۆۋرۈكتە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈزۈلمەي مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردى. دېڭىز ھالقىغان بۇ كۆۋرۈك مالدىۋې خەلقىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى