باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 17 خىل راكغا قارشى دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى

جايلار 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدۇ

2018.10.11 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى 10-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئازاتسىستىدىن قاتارلىق 17 خىل دورىنى «دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىكى دورا مۇندەرىجىسى(2017-يىللىق نۇسخىسى)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دورا مۇندەرىجىسى دېيىلىدۇ)نىڭ B تۈرىگە كىرگۈزدى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنى بېكىتتى.

  بۇ قېتىم دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن 17 خىل دورىنىڭ 12سى ئەمەلىي ئۆسمە دورىسى، بەشى قان ئۆسمە دورىسى بولۇپ، ھەممىسى كىلىنىكىدا زۆرۈر، داۋالاش ئۈنۈمى ئېنىق، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار جىددىي ئېھتىياجلىق ئۆسمە داۋالاش دورىلىرى، ئۇلار غەيرى كىچىك ھۈجەيرە ئۆپكە راكى، بۆرەك راكى، تۈگۈن تۈز ئۈچەي راكى، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، لىمفا ئۆسمىسى، ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا چىقىم قىلىنىش ئۆلچىمىنى مەخسۇس داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى بويىچە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، باھاسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر