خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، مالايشىيانىڭ كۇئالالامبۇردا، مالايشىيا ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئازمىن «جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى»دە ئۇيۇشتۇرۇلغان جۇڭگو يىللىق يىغىنىدا يېپىلىش تەبرىك سۆزى قىلدى. ئازمىن 11- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايشىيا كارخانىلىرى جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىزدەش كېرەك. مالايشىيا ھۆكۈمىتىمۇ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى