خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئودىسا ئىشتاتىدا، يەرلىك ئاھالىلەر زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى تەكشۈرمەكتە.
ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11- چېسلا ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا، كۈچلۈك تىروپىك قارا بورىنى «تىتلېي» ھىندىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئودىسا ئىشتاتىنىڭ دېڭىز بويى رايونىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى، تەسىرگە ئۇچرىغان ئودىسا ئىشتاتى ۋە ئاندرا ئىشتاتىدىكى بەش دېڭىز بويى رايونلىرىدا تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتە ئىككى ئادەم ئۆلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى