باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن بەشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2018.10.15 09:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 18-تۈركۈمدە سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر توقۇش ۋە تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن بەشنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرغا ئالاقىدار يازما، سۈرەتنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ۋە تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدارلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1-دېلو مىسالى: شەنشى ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى ي X نىڭ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار ي X (ئەر، خەنزۇ، 25ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شەنشى ئۆلكىسى خەنچېڭ شەھىرى لۇڭتىڭ بازىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى» دە سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ي X نى مەمۇرىي جەھەتتىن 10 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى .

  2-دېلو مىسالى: شەنشى ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى گو X نىڭ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار گو X (ئەر، خەنزۇ، 50 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھىرىدىن) نىڭ «سىنا مىكروبىلوگ»ىدا سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە گو X نى 10 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى .

  3-دېلو مىسالى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ما X نىڭ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار ما X (ئايال، دۇڭشياڭزۇ، 37ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بايىنغولىن ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسىدىن)نىڭ يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرىدا سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ما X نى 10 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  4-دېلو مىسالى: شىخەنزە شەھىرىدىكى تور ئەھلى جۇ X نىڭ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار جۇ X (ئەر ، خەنزۇ، 25 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ شىخەنزە شەھىرىدىن) نىڭ ئۈندىدار توپىدا سىياسىي تۈردىكى پىتنە - ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ما X نى 10 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  5-دېلو مىسالى: شىخەنزە شەھىرىدىكى تور ئەھلى جاۋ X نىڭ سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار جاۋ X (ئەر، خەنزۇ، 59 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىخەنزە شەھىرىدىن) نىڭ كۆپلىگەن ئۈندىدار توپىدا سىياسىي تۈردىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ما X نى 15 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  ئۇنىڭدىن سىرت، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۈندىدار توپىدا پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىققان ۋە كۆپ قېتىم تارقاتقان ئالاقىدار 77 كىشىنى 5 كۈندىن 15 كۈنگىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى .

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئائىت يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال–ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن–بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىكىدەك يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن–بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى : 2384777–0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

  مىكرو بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر