باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.12 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)دە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىنى چەكلەيدىغان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ گەۋدىلىك ۋە ئەڭ جىددىي بولغان تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشنى تەكىتلىدى.

  «لايىھە»دە يەنە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇۋاپىق ئىستېمال كۆزلىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئۇللۇق رولىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشتىكى مۇشۇ نىشان ۋەزىپىسىنى يېتەكلەشكە فوكۇسلاپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىستېمال ساھەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ياخشى ئىستېمال مۇھىتىنى يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر