باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باياۋاندا قۇرۇلغان «يېشىل بانكا» (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە __ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

___ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزۈش خاتىرىسى (2)

2018.10.12 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپيېشىل ياڭاق دەرىخى، ئوتقاشتەك قىزىل ئالما دەرىخى بىلەن چىلان دەرىخى، كۈمۈش رەڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا، ئالتۇن رەڭلىك شاللار نەچچە 100 كىلومېتىرغا سوزۇلغانىدى... 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي رايونىغا بارغىنىمدا، تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن جەنۇبقا قاراپ تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەيىن شامال سۆگەت دەرەخلىرىنى سىيپاپ، رەڭگارەڭ مېۋە-چېۋىلەر مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەنىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، گېنېرال ۋاڭ جېن 359-لۈيدىكى قىسمەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىغا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە باردى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسىنى قۇردى. پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سۇ ئامبىرىدىن بىر قانچىنى قۇرۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئارتۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇنبەت ئېتىز بەرپا قىلىپ، بوز يەر ئېچىپ يەر كېڭەيتىپ، ئۆز ئۆزىنى قامداشتەك مۆجىزە ياراتتى.

  ئاقسۇ خەلقى ھازىر ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئادەم ئىلگىرىلەپ قۇمنى چېكىندۈرۈش، «قۇملۇق يېشىل توسۇقى»نى قايتا بەرپا قىلىشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، بوشاشماي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاقسۇ خەلقى يېشىللىقتىن ھوسۇل ئېلىش بىلەن بىرگە، باغۋەنچىلىكتە ئىمكانىيەتلىك سىجىل نەق پايدا ئالىدىغان «يېشىل بانكا» بەرپا قىلدى: ئالما، چىلان، ياڭاق قاتارلىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەتتە داڭق چىقىرىپ، يېڭى يېشىل ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  ئادەم ئىلگىرىلەپ، قۇمنى چېكىندۈرۈش قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

  ئىقتىسادىي ئورمان، ئېكولوگىيە ئورمىنى، مەنزىرە ئورمىنىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئورماننى تەڭ بەرپا قىلىش»تا ھەم قۇمنى تىزگىنلەش ھەم بېيىش كېرەك.

  «شىنجاڭ تېرىكى» قاتارلىق ئېكولوگىيە ئورمىنى قوغداپ تۇرمىسا، چۆللۈكنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇق پىلانغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئالما دەرىخى قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورماننىڭ تايانچى بولمىسا، چۆللۈكنى يېشىللاشتۇرۇش غايىبانە مەنزىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ___ ئېكولوگىيە ئورمىنىنى كۆپلەپ بەرپا قىلىشتىن تارتىپ ئىقتىسادىي ئورمان، ئېكولوگىيە ئورمىنى، مەنزىرە ئورمىنىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئورماننى تەڭ بەرپا قىلىش»قىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزىشى «يېشىللىق بار ئادەم يوق» بولۇشتىن «يېشىللىقمۇ، ئادەممۇ بار» جەرياننى باشتىن كەچۈردى.

  ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئورمان كۆلىمى 14 مىليون 230 مىڭ موغا، ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %6.8كە يەتتى؛ باغۋەنچىلىك كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىك ساپ كىرىمى 4530 يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ %32نى ئىگىلىدى.

  ئىلگىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، دائىم يەتتە-سەككىز بال بوران چىقىپ، ئاران ئۈچ بال شامالغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەسەل ھەرىسىنى ئۇچۇرتۇپ كېتىپ، ئالما دەرىخى چېچەكلىگەندىن كېيىن چاڭلىشالماي مېۋە بەرمەيتتى؛ بىر قانچە تال مېۋە چۈشسىمۇ، قاتتىق بوران ئۇچۇرۇغان قۇملار ئۇرۇلۇپ «چوقۇر بولۇپ»، سەتلىشىپ كېتەتتى.

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر