باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياۋگاڭ كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا داغدام قەدەم تاشلىدى (ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر ___ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.10.16 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  40 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ يېزا ئىسلاھاتىدىكى تۇنجى كەنت __ ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شىياۋگاڭ كەنتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولغاندۇ؟

  ئەنخۇي پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ سۇڭيۈ زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، شياۋگاڭ كەنتىنىڭ ماركىسىغا تايىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سانائەت رايونىدا، قۇرۇلۇشلار قىزىپ كەتكەنىدى، ئەنخۇي ئۆلكىسى شىياۋگاڭ كەنتى «پەنپەن» يېمەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بۇ شيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قىسمەن زاۋۇت بىنالىرىنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ شىياۋگاڭ كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ھالقىسى، سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  كەسپىي ياردەمچى ۋىراچ جاڭ چاڭيۇڭ شىياۋشىخې بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ شىياۋگاڭ كەنتى كېسەلخانىسىدا كېسەللىك تارىخىنى كۆرگەچ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىپاخانىدا داۋالاش ئۈسكۈنىسىدىن قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، تىڭشىغۇچ، تېرمومېتىردىن ئىبارەت ئۈچ خىللا بار ئىدى، ھازىر ئون كېسەل كارىۋىتى ۋە مەخسۇس ئوپېراتسىيە ئۆيى بار بولدى، كۆپ قىسىم دائىملىق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنى قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھات ئارقىلىق جانلانغان بۇ زېمىندا يېڭى ئىشلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى

  «مېنىڭچە 6-نومۇرلۇق گۈرۈچ بەكرەك تەملىككەن»، « 1-نومۇرلۇق گۈرۈچمۇ بولۇپ قالىدىكەن»...

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىياۋگاڭ كەنتىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، ئون توك قازىنى قاتار تىزىلىپ، تاماقنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. بۇ گۈرۈچ باھالاش يىغىنى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن تېتىغاچ، بىر تەرەپتىن باھالىدى.

  بۇ گۈرۈچلەر «بېيداخۇاڭ» چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن شياۋگاڭ كەنتى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «بېيداخۇاڭ» گۇرۇھى شىياۋگاڭ كەنتىدە 500 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 30 نەچچە ئەلا سۈپەتلىك شال سورتىنى سىناق قىلىپ تېرىدى. «بېيداخۇاڭ» گۇرۇھى چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شىياۋگاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق تېخنىكا مەسئۇلى جاۋ مىڭۋۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىملىق باھالاش يىغىنىغا بالدۇر پىشىدىغان شال سورتىدىن ئون خىلنى قاتناشتۇردۇق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر