باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئېلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5ئاشتى

2018.10.16 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 15- چېسلا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، مەركەز كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىگەن.

  بىرىنچىسى، كىرىم كۆپەيدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 21 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى، كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 4 ئاي %10دىن ئاشتى. ئىككىنچىسى، ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئېلىش ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 349 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا بەش ئاي %20تىن ئېشىپ كەتتى؛ ساپ پايدىسى 984 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشتى؛ ئانا شىركەت ئىگىسىگە تەۋە بولغان ساپ پايدىسى 548 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشتى. ئۈچىنچىسى، باج-ھەق تۆھپىسى قوشۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تاپشۇرغان بېجى 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر