باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى «شىفىرسىز چىقىم قىلىش»نى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتتى

2018.10.16 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ مەخپىي شىفىر، بارماق ئىزى قاتارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئوغرىلىقچە سۈركەپ ئابونتلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىۋېلىش، AppStoreدا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش يۈز بەردى. يېقىندا، ئالما AppStoreدا «شېفىرسىز چىقىم قىلىش »تىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە سۈركەش ۋەقەسى ئاشكارىلىنىپ، قىزغىن مۇلاھىزە قوزغىدى. كۆچمە چىقىم قىلىشتا ساقلانغان ئوغرىلىقچە سۈركەش خەۋپ-خەتىرىگە قارىتا، بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئوغرىلىقچە سۈركەشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  زىيارەت داۋامىدا ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى چۆرىدەپ كېلىپ چىققان ماجىرالار ۋە ئالدامچىلىق دىلولىرى كۈنسېرى ئاشقان. مەسىلەن، بەزى سىن تور بىكىتى، مال سېتىۋېلىش تور بېكىتى قاتارلىق سۇپىلار ئەزا قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن «بىر پۇڭ بىلەن بىر ھەپتە سىناپ بېقىش»، «بىر يۈەن بىلەن 30 كۈن سىناپ بېقىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارغا «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» ۋە «ئاپتوماتىك داۋاملاشتۇرۇش»تەك ئىككى چوڭ ئىقتىدارنى ئېچىپ قويىدۇ، ئەگەر خېرىدارلار «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇپ ھەمدە بۇ ماددىغا دىققەت قىلمىغاندا، ئۇنداقتا ھەر ئايدا مۇناسىپ ھەق تۆلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن تېلېگراف ئالدامچى ئۇنسۇرلىرىمۇ يەنە ھەر خىل ياغاچ ئات ۋە بېلىق تۇتۇش تورلىرىنى نورمال مال سېتىۋېلىش ئۇلانمىسى قىياپىتىدە ياساپ، خېرىدارلارنى چېكىپ بېقىشقا ئازدۇرىدۇ، خېرىدارلار بۇنداق ئۇلانمىلارنى چەككەن ھامان، ئالدامچى ئۇنسۇرلار «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» ئىقتىدارى ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ ھېسابتىكى قالدۇق سوممىسىنى ئوڭۇشلۇق يۆتكەپ كېتەلەيدۇ.

  360 يانفۇن قاراۋۇلى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» گەرچە خېرىدارلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇن خەۋپىمۇ ئوخشاشلا كۆپ، شۇڭا خېرىدارلار تاۋارغا پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا، ئەگەر «قوشۇلىمەن»، «ھوقۇق بېرىمەن» دېگەندەك تاللاش تۈرى بار بولسا، ماددىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈش، ئالدىراپ «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ھوقۇق بەرمەسلىك لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېرىدارلار «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى بەلگىلىگەندە، بۇ سۇپىدىكى ئىستېمال تەكرارلىقى ۋە سوممىسىنى ئويلىشىشى، ئىشلىتىش تەكرارلىقى تۆۋەن ياكى ئوتتۇرىچە ئىستېمال سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۇپىلاردا ئامال بار «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى ئاچماسلىقى لازىم.

  ئەلۋەتتە، مۇۋاپىق ئىشلەتسەك، «شېفىرسىز چىقىم قىلىش» بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يەنىلا ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى قانداق قىلىپ بىخەتەر ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىشلەتكۈچىلەر تۇغۇلغان كۈنى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئاددىي شىفىرلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «شېفىرسىز چىقىم قىلىش»نى ئاچقاندا، ئەڭ ياخشىسى ئايلىق نورما بەلگىلەش ياكى بىر قېتىملىق چىقىم چېكىنى بەلگىلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر