باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېفېي شەھىرى يېڭى يارىتىش يۇقىرى پەللىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماقتا (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز − 100 شەھەر، 100 ناھىيە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈش سەپىرى)

2018.10.16 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ئىچىدە ئانچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولمىغان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى 1982-يىلىلا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە تۆت چوڭ پەن-مائارىپ بازىسىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خېفىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەنخۇيدا تۇرۇشلۇق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ يەردە ئاساسىي تەتقىقاتلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

  بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، دۇنيادىكى تۇنجى VCD ئاپپاراتى، تۇنجى بىيونىكىلىق ئۇۋۇلاش شەكلىدىكى ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مىكرو كومپيۇتېرى قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە مەيدانغا كەلگەن...

  __ «بىراق، ئىلگىرى بىز ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككىنچى قاتاردىكى شەھەر ئىدۇق»، __ دېدى خېفېي شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ۋېي. پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق بولۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇزاق مەزگىل دۇچ كەلگەن خېفېي شەھىرى ئىلگىرى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ «ئۆيدىكى گۈلنىڭ تالادا خۇش پۇراق چېچىشى»دەك ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى:

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، خېفېيدا دۇنيادىكى تۇنجى VCD ئاپپاراتى تەتقىق قىلىپ چىقىلدى، لېكىن بۇ ئىجادىي نەتىجە ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىردەملىك چاقنىدى: مەبلەغ ئەگىشىپ كىرمىدى، تۈرنى قوللاش ئاز بولدى، كەسىپنىڭ يانداشمىلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن كارخانا ئۈچ يىلغا بارمايلا تاقىلىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى باشقا رايونلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر تۈركۈم VCD ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  __ «دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلمىگەنلىكى خۇددى ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلغانغا ئوخشايتتى»، __ دېدى چېن ۋېي بىر تەرەپتىن ئەسلەپ ئۆتكەچ، مۇخبىرنى باشلاپ خېفىيدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنى زىيارەت قىلدى. چېن ۋېي مۇنداق دېدى: «بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن، دېگەن گەپ بار، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرى ۋە مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاكتىپلاشتۇرۇشى − خېفېينىڭ بۈگۈنكى ئەمەلىيىتىنىڭ تەجرىبىلىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىدۇر».

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 40 ياشلىق قىران مەزگىلىدە تۇرماقتا، يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسى يارىتىدىغان بىر مەيدان تېز يۈگۈرۈش خېفېيدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا...

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر