باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

2018.10.16 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەبرىك خېتى

  شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا، پۈتۈن مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا ئوقۇتۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش-ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى. شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر دەل پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

  تەرجىمىسىنى كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر