10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتوموبىللار ئىيوردانىيەنىڭ مافراق ئۆلكىسى جابىر چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 14- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد سار شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە بىلەن ئىيوردانىيە ئىككى تەرەپ سۇرىيە بىلەن ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ناشىبۇ-جابىر چېگرا ئېغىزىنى 15- چېسلا قايتا ئېچىۋېتىشكە ماقۇل بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى