باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ يۈزلىنىشىنى توغرىلاش لازىم

ــــــــ بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياخشى سىياسىي مۇھىت يارىتىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (2)

2018.10.15 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى- يامانلىقى ئادەم ئىشلىتىش ئېكولوگىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي ئېكولوگىيە پاك بولسا، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە چوقۇم ئىستىل دۇرۇس بولىدۇ، كادىرلار قوشۇنىدىمۇ كىشىلەر قەلبى راۋان، دۇرۇس كەيپىيات تولۇق بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش ئىستىلى دۇرۇس بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى كادىرلارنى تاللاپ چىققاندا، ئىشلەتكەندە، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ساپلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى يېقىندا چۇڭچىڭ، سەنشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇش، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشتى.

  ئادەمنى توغرا تاللاش، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش − سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم «سۈزگۈچ»تۇر

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، «قانداق ئادەمنى تاللاش، قانداق ئادەمنى ئىشلىتىش − سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ يۈزلىنىشىدۇر»، دېگەن بۇ سۆز پاكىتلار بىلەن قايتا-قايتا دەلىللەندى. سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، «پاكىز» كادىرلارنى تاللاپ چىقىش تەس بولىدۇ: ئادەمگەرچىلىك قىلىپ سالاملىشىپ قويۇش، قائىدىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل سېتىش-سېتىۋېلىش، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، شايكا توپلاش، «ئېغىز-بۇرۇن يالىشىش»، چاتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش... سىياسىي ئېكولوگىيەدە مەسىلە چىققان جايلاردا بۇ ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلدى.

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كادىر ۋە ئامما: سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇشتا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىن تۇتۇش قىلىش لازىم، ئەستايدىل، ئىشچان، ياخشى كادىرلارنى تاللاپ چىقىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنىڭ «سىگنال چىرىغى»دۇر.

  نەچچە يىلدىن بېرى، سەنشىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كادىرلار بىر مەيدان تولىمۇ پەۋقۇلئاددە سىياسىي سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى. 2014-يىلى، سەنشىدە سىستېما خاراكتېرلىك، كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە قايتىدىن جانلاندى. سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بۇرۇن بەزى كادىرلار ئۆسۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەت بار بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى، ھازىر، كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ئىستىلى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر