باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى

2018.10.15 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا، ئىسلاھات يولىدىكى ئىزدىنىشتە، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىياسىي تەشكىللىشىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە پارتىيە رەھبىرىي ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چوقۇم ئەمەل قىلىدىغان تۈپ سىياسىي پىرىنسىپتۇر.

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش، پارتىيەمىزنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋىي يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە قارىتا يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى − يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپكە تېخى دېگەندەك لايىقلىشالمايۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىدىيە تونۇشىدا ئېنىق بولماسلىق، تەشكىلات تەسىس قىلىش مۇكەممەل بولماسلىق، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمەسلىك، پارتىيەلىك ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر