خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 14- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلاندا ئامستېردام سشىپخول ئايرودۇرۇمغا يېتىپ بېرىپ، گوللاندىيەگە بولغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېت ئەزاسى ۋە جۇڭگونىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب ئەللىرىنىڭ بىرى. 2014- يىلى رەئىس شى جىنپىڭ گوللاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئاچقان. جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئىككىلىسى چوڭ سودا دۆلىتى بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپ تەرەپلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى قوللاپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى