باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنفۇدا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەسىس قىلىشىنى تەستىقلىدى

2018.10.15 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى گوۋۇيۈەن يېقىندا تەستىقلىغان «شېنفۇ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش لايىھەسى»نى رەسمىي تارقاتتى.

  شېنفۇ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە رايونى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ ۋە فۇشۇندىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ قوشۇلۇش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 171 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شېنياڭنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىنىڭ شەرقى، خۇنخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى 69 كىۋادرات كېلومېتىرلىق، فۇشۇن رايونىنىڭ 102 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، شېنفۇ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى − شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچى رايونى، مەبلەغ سېلىش، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۈلگە رايونى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكلەش رايونى ۋە لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر