10- ئاينىڭ 14 - كۈنى، نېپالنىڭ كاتماندۇ دېگەن يېرىدە، كىشىلەر قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى توشۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە يەتتىنچى ئېگىز چوققا دائۇرالاگىلى چوققىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا 12- چېسلا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، تاغقا چىققۇچىلاردىن توققۇز نەپەر كىشى قازا قىلغان. بۇ توققۇز كىشىدىن 5ى كورېيەلىك ۋە 4ى نېپاللىق ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى