باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.10.15 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ توغرىسىدا» ناملىق كىتابى ج ك پ مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  مەزكۇر مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىدا، 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان «دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئاساسىنى پۇختىلاش» مۇقەددىمە قىلىنغان، 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى يولداش شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش» خاتىمە قىلىنغان، ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بايان قىلىنغان مۇھىم ئەسىرىدىن 85 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 320 مىڭ خەت.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش ۋە بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش» قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور تېما ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، سىجىل گۈللىنىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا كۈچ چىقىرىشتەك يۈكسەك نىشانىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا تەرەققىياتىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرىدىغان دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياۋى كەڭ قورساقلىقى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر