باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

29-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

دىلرابا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2018.10.15 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان خۇنەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە 14-ئۆكتەبىر كەچ جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئىتى بويىچە كاتتا مۇراسىم − 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئىتى بايرىمى ۋە 29-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن بۈركۈت بايرىمىدا «جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېۋىزىيە سەنئەتكارى» مۇكاپاتى يېڭىدىن تەسىس قىلىندى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىسى لى جۈن، دراماتورگ ۋاڭ چاۋجۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

  مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكى نەق مەيدانىدا يەنە 29-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ «تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر، ئايال ئارتىسلىرى» ئېلان قىلىندى. تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر ئارتىسى مۇكاپاتىغا جاڭ يى، لى يىفېڭ ئېرىشتى؛ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا دىلرابا، دىڭ ليۇيۈەن ئېرىشتى.

  «ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى» 1983- يىلى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، باھالاش پائالىيىتى ئۇدا 29 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. «ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى» − جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى تاماشىبىنلار بېلەت تاشلاپ باھالايدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تېلېۋىزىيە سەنئەت مۇكاپاتى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنى تارقىتىش پائالىيىتى «جۇڭگو ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئىتى بايرىمى»غا ئۆزگەرتىلدى ھەمدە چاڭشاغا مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر