باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.10.16 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئۆكتەبىر تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا ئوقۇتۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش-ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى. شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر دەل پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر