باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2018.10.16 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 15- ئۆكتەبىر مەركەز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ھەمدە «ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»ى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە - خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ۋە خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: مەركەز ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە - خەلقنىڭ يۇغۇرما ساھەلىرىگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى تولۇق قاپلاشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىزاھلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماس كەلمەيدىغان قانۇن - نىزام ۋە ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ۋە ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ ۋاقىتچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن دائىرىسى ئىچىدە مەسىلىلەرنى ئويلاش، قارار چىقىرىش ۋە ئىش بېجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەستىق تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر ئىلمىي بولۇش، تەرتىپ ئورۇنلۇق بولۇش ۋە مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇشقا ھەقىقىي كېپىللىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر