باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتىكەن 3-نومۇرلۇق ئاساسىي سىستېما يىل ئاخىرىغىچە پۈتىدۇ

2018.10.16 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، سائەت 12دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى «ئۇزۇن سەپەر − 3» B بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق «بىر راكېتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ» قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن 39-، 40-يەتىكەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بۇ ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئارا ئوربىتىلىق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئېلىمىز يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سىستېمىنىڭ 15-، 16-تورلاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھى. سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندىن كېيىن، سىناق ئېلىپ بارىدۇ ۋە باھالايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھلار بىلەن تورلىشىپ، دەل ۋاقتىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بۇ يىل 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، يەتىكەن 3- نومۇرلۇق سىستېما ئايدا بىر قېتىم ئىككى سۈنئىي ھەمراھنىڭ سۈرئىتى بويىچە سۈرئەت ئاشۇرۇپ تورلاشتۇرۇپ، تۆت ئايدا يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىدىن سەككىزنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزدى. پىلانغا ئاساسەن، كېيىن يەنە ئارا ئوربىتىلىق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىدىن ئىككىسى ۋە يەر شارى ماس قەدەم ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھىدىن بىرى قويۇپ بېرىلىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئاساسىي سىستېما پۈتۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتناشقان دۆلەتلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر