باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىش ماكانى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە بولۇپ جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنغان ھىدرويودىك كىسلاتانىڭ جۇڭگودا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمىنى ئېلان قىلدى

2018.10.16 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 15- چېسلا ئېلان قىلغان 2018ـ يىللىق 80- نومۇرلۇق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىش ماكانى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە بولۇپ جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنغان ھىدرويودىك كىسلاتانىڭ جۇڭگودا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمىنى ئېلان قىلدى. ئاخىرقى كېسىمدە، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىش ماكانى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە بولغان ھىدرويودىك كىسلاتانىڭ جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنىشىدا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، نەتىجىدە، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەر شۇ سەۋەبتىن ماھىيەتلىك زىيانغا ئۇچرىغان، ھەمدە تۆكمە قىلىپ سېتىش بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ ماھىيەتلىك زىيانغا ئۇچرىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ھەمدە، 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ، يۇقىرىقى مەھسۇلاتلاردىن تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بېجى قوشۇپ ئېلىنىدۇ، باج نىسبىتى %41.1تىن %123.4كىچە بولىدۇ، ھەمدە ئېلىش مۇددىتى بەش يىل داۋاملىشىىدۇ، دەپ قارار چىقاردى.

  دۆلەت ئىچىدىكى ھىدرويودىك كىسلاتا كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىش ماكانى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە بولۇپ جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنغان ھىدرويودىك كىسلاتاغا قارىتا، ئۇنىڭ جۇڭگودا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا تەكشۈرۈشنى باشلىدى. دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى بۇ دېلونىڭ جەزىملەشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى دەسلەپكى كېسىمىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى كېسىمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر