باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياۋگاڭ كەنتى

يېزا ئىسلاھاتى كەڭ كۆلەمدە باشلاندى(شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.10.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، ھەممە جاينىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى نەزەر دائىرىڭىزنى قاپلايدۇ. گۈل-گىياھلار كۈز مەنزىرىسىگە بويالغان، شاللارۋە مېۋىلەر تەدرىجىي پىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىلدىن بېشارەت بەرمەكتە.

  40 يىل ئىلگىرى، 18 ئائىلىلىك كىشىلەر چوڭ ھۆددىگەرلىكتىن ئىبارەت بۇ «ھايات-ماماتلىق» توختامىغا بارماق ئىزلىرىنى بىسىشىپ ئىز قالدۇرۇپ ئىمزا قويۇشقان ئىدى. مانا ئەمدى شياۋگاڭ كەنتىدىكىلەر ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان مول ھوسۇلنىڭ تەمىنى تېتىماقچى بولۇشماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن جۇڭگودىكى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

  40 يىلدىن بۇيان، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شياۋگاڭ كەنتى يېزىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىشنى يېزىدىكى يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش-تىزىملاش ۋە گۇۋاھنامە بېرىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشتىن باشلاپ، تاكى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ مۈلۈكنىڭ پاي ھەمكارلىقىدا پايدىنى تەقسىملىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەدەر تەرەققىي قىلدۇردى. نەتىجىدە، تېخىمۇ كۆپ مول ھوسۇل شادلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلىشىپ كەلدى.

  ئىسلاھات ئارقىلىق، ئەسلىدە ئۇخلاپ ياتقان جايلار ئويغىتىلدى

  2016- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، شياۋگاڭ كەنتىدىكى «ئەينى چاغدىكى دېھقان ئائىلىسى» قورۇسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئەينى يىلى 18 ئائىلىلىك كىشىلەرنىڭ قىزىل رەڭلىك بارماق ئىزلىرى بېسىلغان چوڭ ھۆددىگە بېرىش توختاملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردى. شۇ ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى «جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ ئۇ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى»نى ئەسكە ئالدى، ھەمدە "چىققان ئىدۇق بىر يولغا، داۋانلىرى ھەيۋەتلىك، مەنزىللىرى ھەمئۇزاق، يوللىرىدا بولسىمۇ گەر، ھەر خىل ۋە تۈرلۈك توساق؛ مانا ئەمدى ئۇ يولدا، ماڭماقتىمىز يېڭى ۋاشتىن، غەلىبە بىزگە يار بولغۇسى، داۋانلىرىنى ھالقىپ ماڭساق!" دېگەن ئۇ بىر كۇبلىت شائىرانە سۆزلەر ئارقىلىق، "تارىخ كىتابلىرىغا يېڭى بابلارنى تولۇقلىيالايدىغان"لىق ئىشەنچىسىنى ئىپادە قىلدى.

  چوڭ ھۆددىگە بېرىشتىكى قىزىل رەڭلىك بارماق ئىزلىرىدىن، تاكى يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ گۇۋاھنامە تارقاتقاندا ئېرىشكەن «قىزىل دەپتەرلەر»گىچە، ھەتتا يېزىلاردىكى «ئۈچ ئۆزگىرىش» ئىسلاھاتىنىڭ «پايدىسىنى بۆلۈشۈش»كىچە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىسلاھاتى يولى شياۋگاڭ كەنتىدە ئۇدا داۋاملاشتى.

  ئاشۇ قىزىل رەڭلىك بارماق ئىزلىرى بىلەن، ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش پەردىسى ئېچىلدى.

  ئارىدىن 40 يىل ئۆتتى، شياۋگاڭ كەنتىدە مەيدانغا كەلگەن چوڭ ھۆددىگە بېرىشتەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئاساسىدا، يەرنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان ھالدا، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بارلىققا كەلدى، ھەمدە بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۇدا پارتىيەمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ئۇلى بولۇپ كەلدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى داۋاملىق ساقلىنىدۇ ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئىككىنچى قارارلىق يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدۇ.

  ئەمدى ئەسلىدىكى بۇ «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى»نى بۈگۈنكى يۈز مىليونلارچە دېھقانلىرىمىز كۆڭلى تارتقىنىچە ۋە خاتىرجەم ھالدا يەۋەرسە بولىدىغان بولدى، ھەم شۇنداقلا،ئەينى چاغدا دادىللىق بىلەن تۇنجى بولۇپ «قىسقۇچپاقا يېيىش»كە جۈرئەت قىلغان شياۋگاڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىنى قايتا بىر ئەسلەپ ئۆتۈشكە تېخىمۇ ئەرزىدىغان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر