باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى توققۇز ئايدا كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا 5 مىليون 340 مىڭ يۈرۈش ئۆيگە ئىش باشلاندى (گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى)

2018.10.12 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن 11- چېسلا ئاچقان يىغىنىدا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نى خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا بەش مىليون 340 مىڭ يۈرۈش ئۆيگە ئىش باشلانغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي ۋەزىپىنىڭ %92تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە،بۇ يىلقى 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن باشقا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى يەنە ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىكەن: بىرىنچىسى، كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، كونا شەھەر رايونلىرىدىكى مەينەت، قالايمىقان ۋە كونا كەپە ئۆيلەر رايونلىرى، دۆلەت ئىلىكىدىكى كان رايونلىرى، ئورمان رايونلىرى ۋە بوز يەر رايونلىرىنىڭ كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، كەپە ئۆيلەر ئورنىغا پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئىسكىلات زاپىسى يېتىشمەيدىغان، ياكى ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ بېسىمى چوڭ بولغان شەھەر ۋە ناھىيەلەر تېزدىن پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەڭشەش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى قاتتىق باھالاپ، كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نامى بىلەن قارىغۇلارچە قەرز ئېلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، كەپە ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ 2019- يىللىق ۋەزىپىسىنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك.

  نى خۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، ھەر قايسى جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەڭشەپ ئىش كۆرۈش ۋە ئەسلىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك بۇ خىل سىياسەتلەر ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى لىنىيەلىك شەھەرلەرنىڭ يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە پائال رول ئوينايدۇ. ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، ھەر قايسى جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەڭشەپ ئىش كۆرۈش ۋە ئەسلىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك بۇ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك بۇ خىل ئېتىبار بېرىش ئۇسۇلىغا زىت كەلمەيدۇ ۋە ئۇ ئەسلىدىكى سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر