باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ بارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى توشۇلۇپ بولدى

2018.11.05 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئىككى كۈن قالدى. ئىستانسىمىز مۇخبىرى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە : 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ بارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى توشۇلۇپ بولغان، ھازىر جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت سودىغا مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىدە 82 دۆلەت ، ئۈچ خەلقئارا تەشكىلاتقا 71 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىندى؛ كۆرگەزمە كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ .جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈننىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە: ھازىرغىچە دۆلەت كۆرگەزمىسى قۇرۇلۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان؛ بارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى توشۇلۇپ بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن .

  ليۇ جۈن مۇنداق دېدى : دۆلەت كۆرگەزمىسىگە ئاسىيا رايونىدىكى 14 دۆلەت ، غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونىدىكى 11 دۆلەت ، ياۋروپا - ئاسىيا رايونىدىكى ئالتە دۆلەت ،ياۋروپادىكى 18 دۆلەت ، ئامېرىكا قىتئەسى رايونىدىكى 22 دۆلەت ، ئوكيانىيە قىتئەسى رايونىدىكى 10 دۆلەت جەمئىي 81 دۆلەت قاتنىشىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەت 21 ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت 36 ، باشقا دۆلەتلەر تەرەققىي قىلمىغان ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر.

  دۆلەت كۆرگەزمىسىدە پەقەت بويۇملار كۆرسىتىلىدۇكى پۈتۈشۈلمەيدۇ ،شۇڭا كىچىك تىپتىكى دۇنيا كۆرگەزمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت نەتىجىلىرى ۋە سودا ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشنى ئېچىۋېتىلگەن سەھنە بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنىدۇ ، شۇ چاغدا كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە سودا توختامى ئىمزالاش، مەدەنىيەت ئويۇنى كۆرسىتىش، كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، مەھسۇلات ئېلان قىلىش ، بۇيۇملارنى پەرقلەندۈرۈش يىغىنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ليۇ جۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە: دۆلەت كۆرگەزمىسىنى پىلانلاش دەسلەپكى مەزگىلدە جۇڭگو تەرەققىي قىلمىغان ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشىغا بىر يۈرۈش تۈزۈم ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى لايىھەلىگەن؛ بۇ كۆرگەزمە خىراجىتى، كۆرگەزمە سۇپىسى لايىھەسى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى توشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

  ليۇ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەتتە ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرگەزمە ئورنى ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ تېخنىكا خادىملىرى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە لايىھەلەپ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلدى . سىز بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت سارىيىنى كۆرسىڭىز ، شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ، ئەنئەنىسى، دىنى، شۇنىڭدەك ئۇ دۆلەتنىڭ دۇنيا ۋە جۇڭگوغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئىدىيەسى ۋە ئۇچۇرىنى بىلەلەيسىز.

  ئاخبارات مەركىزى 11 - ئاينىڭ 3 -كۈنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى.11-ئاينىڭ 4 -كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ھازىر تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە 65 دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىن 4100 دىن كۆپرەك مۇخبىر، 630 تاراتقۇ تىزىمغا ئالدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر