باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىلمىي تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئېچىلدى

2018.11.05 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىلىم تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىزىسكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، تەڭ تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىلىم تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇپىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زور پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەل قەلبىنى باغلاش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر