10-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرى مۇكاپاتلاش سەھنىسىدە غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن 48-نۆۋەتلىك گىمناستىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر كوللېكتىپ تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شياۋ روتىڭ، زو جىڭيۈەن، دىڭ شۇدى، سۈن ۋېي ۋە لىن چاۋپەندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 256.634 نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. رۇسىيە كوماندىسى 256.585 نومۇر بىلەن 2-لىككە، ياپونىيە كوماندىسى 253.744 نومۇر بىلەن 3-لىككە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى