باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈزدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكا تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

2018.11.05 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى سودا مىنىستىرلىقى، شاڭخەي شەھىرى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ بىڭنەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى كارخانىلار سودا كۆرگەزمىسى مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، كۆرگەزمە كۆلىمى چوڭ بولۇش، قاتناشقان دۆلەتلەر كۆپ بولۇش، كارخانا سانى كۆپ بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇش، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىلار كۆپ بولۇش، كۆرگەزمە قىلىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك نامايەن قىلىنىدۇ، كارخانىلار كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى 270مىڭ كىۋادرات مېتىر، 3000دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە كوزىر كەسپى كارخانىدىن 200 بار بولۇپ، 100 نەچچە يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكا كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىدۇ، ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمى %91نى ئىگىلەيدۇ، كارخانىلار كۆرگەزمىسىدىكى يەتتە چوڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر