باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2018.11.05 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلىرى مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاكىموۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

  خۇاڭ كۇنمىڭ «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقايلى» دېگەن تېمىدىكى باش مەقسەتلىك نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. تاراتقۇلار-خەلق دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. مەن ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى ئىگىلەپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي خەۋەر قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسىنىڭ ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر