باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

2018.11.05 08:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھازىرقى زامان مىللىي سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئاتاقلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، 8-، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 6-، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 3-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 5-، 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 7-، 8-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، جۇڭگو گۇاڭدا(گۇرۇھ) باش شىركىتىنىڭ سابىق پەخرىي باش مۇدىرى يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ جەسىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

  يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 21دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 100 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىلدە يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇلىغا ‹‹يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز›› دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستىغا يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى، شۇنداقلا يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، يولداش ۋاڭ گۇاڭيىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر